维数专业IDC互联服务平台-新疆恒星软件有限公司
中 文 版 | پۇل تۆلەش ئۇسۇلى | تەكلىپ-پىكىر | سوئال-جاۋابلار | ئالاقىلىشىڭ
ئەزا كۆزنىكى
ئـــەزا نـــامـى:
كىرىش پارولى:
تەستىق كودى:
پارول ئۇنتۇلغان؟
بىلىۋېلىڭ [2]

1. شىركىتىمىزنىڭ نورمال خىزمەت ۋاقتى [دۈشەنبىدىن شەنبە كۈنىگىچە] ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دىن 18:00 گىچە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا QQ ئارقىلىق ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
2. تور نامى ۋە سانداننى سىناق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
3. تور نامى سېتىۋېلىپ 60 كۈن بولغىچە ياكى ۋاقتى توشۇشقا 60 كۈن قالغاندا، تور نامىنى يۆتكەپ چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
4. تور نامىنىڭ ۋاقتى توشۇپ 30 كۈندىن كېيىن ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولمايدۇ، تەخمىنەن 60 كۈندىن كېيىن ئارخىپتىن ئۆچۈرۈلىدۇ، بۇ ۋاقتىتا تور نامىنى قايتىدىن تىزىملىتىشقا بولىدۇ.
5. بوشلۇق ۋە سانداندىكى ماتېرىياللار ۋاقتى توشۇپ بىر ئايغىچە (30 كۈن) ساقلىنىدۇ. بىر ئاي (30 كۈن) دىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.


QQ: 834480060
سوئال-جاۋابلار
تور بېكەت ياساتماقچى ئىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
تور نامى بوشلۇققا ئۇلانمايۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىش؟
ICP دېگەن نېمە؟
ICP بېجىرىش تەرتىپى قانداق بولىدۇ؟
ICP ئىلتىماس قىلىشقا نېمىلەر كېتىدۇ؟
لازىملىق قوراللار
لازىملىق بېكەتلەر
لازىملىق تېلېفونلار

خەۋەرلىشىش ئىدارىسى

0991-5858733

تور نامى تىزىملىتىش
0991-8554813
بوشلۇق مۇلازىمىتى
0991-8554813
ICP بېجىرىش
0991-8554814
تور بېكەت لايىھەلەش
0991-8554814
     سوئال-جاۋابلار
 

 

ICP دېگەن نېمە؟

  ICP دېگەن نېمە؟
  ICP دېگىنىمىز (Internet Content Provider) تور مەزمۇنى مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە تور بېكەت ئىگىسى ۋە تور بېكەت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  دۆلىتىمىزدە ICP خىزمىتى قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى؟
  تور بېكەتلەرنىڭ ۋە تور خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ قانۇن بويىچە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 12-نۆۋەتلىك ھەيئەتلەر يىغىنىدا «تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان ئىنتېرنېت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، 2005-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  ICP نەچچە خىل بولىدۇ؟
  ICP نى ئومۇملاشتۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن:

  بىرىنچى. تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامىسى (非经营性ICP许可证)
  مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى مۇشۇ خىل ICP ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، سىز كۆرۈۋاتقان مۇشۇ بەت ئاستىدىكى 新ICP备10004358号 دېگىنى دەل تىجارەت خاراكتېرىنى ئالمىغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامە نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىجازەتنامىنى http://www.miibeian.gov.cn تور بېكىتى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ.
  بۇ ھەرقانداق تور بېكەت چوقۇم بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىجازەتنامە بولۇپ، يېقىندىن بېرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئاۋۋال ICP بېجىرىش ئاندىن تور بېكەت ئېچىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ.
  بۇ ئىجازەتنامىنى بېجىرىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تەمىنلەش كېرەك:
  1. شىركەت نامى (شەخسى بولسا ئىسىم-فامىلىسى)
  2. خاراكتېرى (شەخسى ياكى شىركەت)
  3. شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى نومۇرى (شەخسىي بولسا كىملىك نومۇرى)
  4. مەبلەغ سالغۇچى ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن نامى (شەخسى بولسا ئىسىم-فامىلىسى)
  5. تور بېكەتنىڭ نامى
  6. تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى
  7. تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئادرېسى (كىملىك بويىچە)
  8. مۇقىم تېلېفون نومۇرى، يانفون نومۇرى ، ئېلخەت قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرى
  9. تور بېكەت بوشلۇقىنىڭ خاراكتېرى (مۇستەقىل مۇلازىمېتىرمۇ ياكى ئادەتتىكى تور بوشلۇقىمۇ؟)
  10. مۇلازىمېتىر ئادرېسى (تور بوشلۇقىنى تەمىنلىگەن مۇلازىمېتىر قايسى شەھەردە؟)
  11. تور بېكەت ئادرېسى (مەسىلەن: www.xjcfan.com)
  12. تور ناملىرى (مەسىلەن: xjcfan.com ، xjcfan.net)
  13. بوشلۇقنىڭ IP ئادرېسى
  14. بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەتنىڭ نامى
  15. كىملىك ئالدى-كەينىنىڭ سېكانېر نۇسخىسى (يېڭىدىن قوشۇلدى)
  16. بېكەت مەسئۇلىنىڭ بوشلۇق تەمىنلىگەن ئورۇن بېكىتكەن نۇقتىغا بېرىپ چۈشكەن 600*800 ئۆلچىمىدىكى رەسىمى


  ئىككىنچى. تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامىسى (经营性ICP许可证)
  بۇ ئاساسەن تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرگە قارىتىلغان. مەسىلەن، بەزى تور تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەت تور بېكەتلىرى ئاستىدىكى 增值电信业务经营许可证 新B2-2005XXXX号 دېگىنى دەل تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تور بېكەتلەر ICP ئىجازەتنامە نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىجازەتنامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرتۈش كېرەك. 
  بۇ ئىجازەتنامىنى بېجىرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
  1. قانۇنىي تەرتىپ بويىچە قۇرۇلغان شىركەت بولۇشى كېرەك.
  2. تىزىملاتقان مەبلىغى بىر مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
  3. شىركەتنىڭ ئايلانما مەبلىغى ۋە كەسپىي خادىملىرى بولۇشى كېرەك.
  4. خېرىدارلىرىنى ئۇزۇن مەزگىلىگىچە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچى بولۇشى كېرەك.
  5. مۇقىم ئورنى ۋە ئەسلىھەلىرى بولۇشى كېرەك.
  6. يېقىنقى ئۈچ يىل مابەينىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى. ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىسى ئىجازەتنامىسى (电子公告许可证)
  مۇنبەر (BBS) ، چايخانا قاتارلىق ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تۈرلەرنى تەسىس قىلغان بېكەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئىجازەتنامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق ھەقسىز بېجىرىشكە بولىدۇ.

  نېمىشقا ICP بېجىرىش كېرەك؟
  ICP تور بېكەت ۋە تور بېكەت مەسئۇلىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئېلىش ئارقىلىق تور بېكەتلەرنىڭ ۋە تور خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ قانۇن بويىچە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان قانۇنىي تەرتىپلەرنىڭ بىرى. شۇڭا دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە تور بېكەت قۇرغان ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس چوقۇم ICP بېجىرىشى كېرەك.

  ICP بېجىرمەي تۇرۇپ تور بېكەت ئاچقانلار قانداق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ؟
  1. تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ.
  2. جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  3. تور بېكەت تاقىلىدۇ.

 

مۇلازىمەت سۇپىسى
بىلىۋېلىڭ [1]

1. ICP كېتىدىغان دۆلەت ئىچى بوشلۇقىنى بىر كۈن (24 سائەت)، WordPress بوشلۇقىنى يەتتە كۈن (168 سائەت) ھەقسىز سىناق قىلالايسىز.
2. قانچە بوشلۇق سېتىۋالسىڭىز، شۇنچە تور نامىغا ھەقسىز ICP بېجىرىپ بېرىمىز.
3. مەشغۇلاتتا قىينالسىڭىز، تـور نامى، تـور بـوشلۇقى، ساندان ئېلىشتا سىـزگە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىمىز.
4. تور نامى ۋە تور بوشلۇقىنى چەكسىز قېتىم ھەقسىز ئۇلاپ بېرىمىز.
5. ھەرقانداق كىشىگە ICP، تور نامى، تور بوشلۇقى، بېكەت پروگراممىلىرى ھەققىدە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىمىز.


QQ: 834480060
قۇلايلىق كۆزنەك

تىزىملىتىش كۆزنىكى

تور نامى باشقۇرىمەن

بوشلۇق باشقۇرىمەن

ئېلخەت باشقۇرىمەن

ساندان باشقۇرىمەن

ئالاقىلىشىڭ

بېكەت نامى: قوش تىللىق  كەسپىي تور مۇلازىمەت سۇپىسى
تور ئادرېسى: www.uydata.com

تېلېفون نومۇرى: 0991-8554813
QQ نومۇرى: 834480060
ئېلخەت: 834480060@QQ.com
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا
باشقۇرغۇچى ئورۇن: Yultuzsoft

لايىھەلىرىمىز
 
 
 
باش بەت | تور نامى | بوشلۇق | ساندان |  WP بوشلۇقى  | تور بېكەت قۇرۇلۇشى  | تەكلىپ -پىكىر | پۇل تۆلەش ئۇسۇلى  | ئالاقىلىشىڭ
  •  [ Yultuzsoft باشقۇرۇشىدىكى قوش تىللىق كەسپىي تور مۇلازىمەت سۇپىسى ]
    ئادرېسى:
    ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا
    QQ نومۇرى: 834480060  ئېلخەت:
    master@yultuzsoft.com  تېلېفون: 0991-8554813  فاكس: 0991-8554814
    بېكەتنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بىزدە، ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈش چەكلىنىدۇ. © 2010-2017 | 新ICP备15003256号-1